يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلسام، مەنمۇ ئۇلارنىڭ بىرى بولۇشۇم كېرەكمۇ؟
ياق، بۇ شەرت ئەمەس. مىليونلىغان ئادەملەر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمايمۇ، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشتىن ھۇزۇرلانماقتا. a تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى — مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى بىلىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىش. ئۆگەنگەن بىلىمنى قانداق پايدىلىنىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىسىز. ئىمان-ئېتىقاد كىشىنىڭ شەخسىي ئىشى. بىز ئۇنى ھۆرمەتلەيمىز (يەشۇئا 24:15).
مەن تەتقىق دەرىسىدە ئۆز مۇقەددەس كىتابىمدىن پايدىلانسام بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە. بىز زامانىۋىي تىلدا يېزىلغان «مۇقەددەس كىتاب. يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنى» ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئەگەر خالىسىڭىز، ئۇنى ھەقسىز ئالالايسىز. بىراق، ئۆز مۇقەددەس كىتابىڭىزنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن. سىز مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەرقانداق بىر تەرجىمىسىدىن ئۈمىد ۋە قۇتقۇزۇلۇش توغرۇلۇق ئۆگىنەلەيسىز.
نېمە ئۈچۈن سىلەر ئېتىقاددىشىڭلار ئەمەس ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىسىلەر؟
-
ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت بىزنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. سەۋەبى، خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرى بىلىۋالغانلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ (مەتتا 22:37، 38؛ 28:19، 20). بىز ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشىغا ياردەملىشىپ، «خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى» بولۇشتىن چوڭ شەرەپ يوق (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:6—9).
-
بىزنى شۇنداق قىلىشقا يەنە قوشنىلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت دەۋەت قىلىدۇ (مەتتا 22:39). بىلىۋالغان ئاجايىپ ھەقىقەتلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش بىزنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ (ئەلچىلەر 20:35).
a تەتقىق ئۆگىنىشىنىڭ نەتىجىسىگە قارىساق، 2022-يىلى ھەر ئاي 5666996 مۇقەددەس كىتاب تەتقىق دەرىسى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئادەم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن، پەقەت 145552 كىشى يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلدى.