19000 ئايروپىلان بىلەت سوۋغىسى
2013-يىل ئىيۇل ئېيىدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېىتقۇچىلار ۋە ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېتقۇچىلارغا [مىسسىئونېرلارغا] خەت ئەۋەتتى. مەزكۇر خەت چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ 2014-يىلدا ۋە 2015-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رايونلوق ۋە خەلقئارالىق ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا يېزىلغان ئىدى.
بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ پەقەتلا چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىشى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىش ئىدى. مۇشۇ خەتتە ئۇلارنىڭ بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بىلەت ھەقلىرىنى تەشكىلاتنىڭ تۆلەيدىغانلىقى يېزىلغان.
گەرچە بۇرۇنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ يىلى ئۆزگىچە بولاتتى. يېتەكچى كېڭەشنىڭ تەلىم بېرىش كومىتېتى يېتەكچىلىكى ئاستىدا، يېڭىدىن بىر بۆلۈم تەشكىللىگەن، دۇنياۋىي باش ئىدارە (د.ب.ئى) سەپەر بۆلۈمى، بىلەتلەرنى ئالدىن-ئالا زاكاز قىلىش بىلەن شۇغۇللىناتتى.
تەكلىپ قىلىش خېتى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، د.ب.ئى سەپەر بۆلۈمىگە ئايروپىلان بىلىتى ئۈچۈن ئېھتىياج بولغانلاردىن ئۇچۇر كېلىشكە باشلىدى. 2014-يىل يانۋار ئېيىغا قەدەر ئۇچۇر ئەۋەتكەنلەرنىڭ سانى ئۆرلىدى. سەپەر قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەيىنلەنگەن گۇرۇپپا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى مەخسۇس تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەر ئۈچۈن سەپەر قىلىش يوللىرىنى ئىزدەپ، ئالدىن-ئالا بىلەتلەرنى زاكاز قىلغان.
بەزىبىر سەپەر قىلىش يوللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كۆپ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بەزى سەپەر قىلغۇچىلار ئىسلاندىيىدىكى رېيكياۋىك شەھىرىدىن بولىۋىيىدىكى كوچابامبا شەھىرىگە بېرىشى كېرەك ئىدى. باشقىلىرى بولسا، يېڭى كالېدونىيىدىكى نۇمېئا شەھىرىدىن ماداگاسكارنىڭ پايتەختى ئانتانانارىۋۇغا بېرىشى كېرەكتى.. بىرمۇنچىلىرى پاپۇا-يېڭى گۋىنېيىسىدىكى پورت-مورسبى شەھىرىدىن سىئاتىلغا (ۋاشىنگتون شتاتى، ئا.ق.ش) ۋە باشقىلىرى، بۇركىنا-فاسودىكى ئۇئاگادۇگۇ شەھىرىدىن كانادىدىكى ۋىننىپېگ شەھىرىگە ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ بارغان.
بەش ئادەمدىن ئىبارەت د.ب.ئى سەپەر بۆلۈمى تەخمىنەن 19000 ئايروپىلان بىلىتىنى ئالدىن-ئالا زاكاز قىلدى. د.ب.ئى سەپەر بۆلۈمى جامائەتلەر مەخسۇس بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئىئانىلەرنى پايدىلىنىپ، ئايروپىلان بىلەتلىرىنى سېتىۋالدى ۋە ئۇلارنى 176 دۆلەتتىكى تەخمىنەن 4300 سەپەر قىلغۇچىلارغا ئەۋەتتى.
ئېتىقادچى قېرىنداشلار بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەك مىننەتدار بولدى. مىسسىئونېرلىق خىزمەتتىكى بىر ئەر-ئايال: «بۈگۈن بىز شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۆزۈمىز خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن يەرگە قايتىمىز. تۇغۇلغان يۇرتىمىز ئەنگلىيىگە بېرىشقا ۋە بەش يىلنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قېتىم ئائىلىمىز بىلەن يىغىلىشقا ياردەم بەرگىنىڭلار ئۈچۈن سەمىمىي مىننەتدارمىز. بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىلىنغان مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇش بولمىسا، بۇ مۇمكىن بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەممىسىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز»،— دەپ خەت يازدى.
پاراگۋايدا خىزمەت قىلىۋاتقان مىسسىئونېر مۇنداق يازدى: «مەن ۋە ئايالىم نيۇ-جېرسى شتاتىدا (ئا.ق.ش) ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. 2011-يىلنىڭ بېشىدا بىز دۇنياۋىي باش ئىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىشقا پىلان قۇردۇق. بىزنىڭ يىققان ئازراق پۇلىمىز بار ئىدى. لېكىن، شۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا بىز پاراگۋايدىكى ئىما-ئىشارە تىلى جامائەتلىرىگە يولۇقۇشقا تەكلىپ قىلىندۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سەپەر قىلىش كېرەك ئىدى. كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن، بىز ئامېرىكىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا، يېڭى خىزمىتىمىزدە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ماشىنا سېتىۋېلىشنى قارار قىلدۇق. ئاندىن كېيىن بىز خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندۇق. شۇنداق قىلىپ بىز ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزغا يەتتۇق! يەھۋانىڭ شۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئۈچۈن ناھايىتى مىننەتدارمىز».
مالاۋىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەر-ئايالدىن شۇنداق خەت كەلدى: «بۇ قىسقا خېتىمىزدا كۆپ رەھمەت ئېيتقۇمىز كېلىدۇ. شۇنچىلىك كۆپ سەپەر قىلغۇچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كۈچ، ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئۆزى تەس. سىلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭلارغا ۋە ئۆيلىرىمىزگە بېرىپ، خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش ھەم ئائىلىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ مەردلىكىگە ناھايىتى مىننەتدارمىز».
د.ب.ئى سەپەر بۆلۈمىدىكى بۇرادەر-قېرىنداشلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان بۇ خىزمەتنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ. مىلېيۋى ئىسىملىك قېرىنداش: «مىسسىئونېرلارغا ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتىشقا ياردەم بەرگىنىمگە بەك خۇشال بولدۇم»،—دەيدۇ. «بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش تەشكىلاتنىڭ چەت ئەلدە خىزمەت قىلىدىغانلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىمگە ھەم ئۇنى قەدىرلەشكە ياردەم بەردى»،—دەپ قوشۇپ قويدى دورىس ئىسىملىك قېرىنداش. شۇ بۆلۈمگە مەسئۇل بولغان بولغان رودنى ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشقا قاتنىشىش ھەممىمىزگە كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى».
پۈتكۈل دۇنيا يۈزىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدا، تىرىشىپ تەر تۆكۈپ، پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىغا بۇ سوۋغاتنى قىلىش ئۈچۈن، ئىئانە بېرىش پۇرسىتى بولدى.