60 كۈنلۈك لايىھە
2013-يىلى، 5-ئىيۇل، جۈمە كۈنى يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئانتونى موررىس قوشما شتاتلاردىكى بەيتەل ئائىلىسىگە كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئۇقتۇرۇشنى ئېيتتى: «برۇكلىندىكى ئادامس-كوچىسى 117-نومۇر بىلەن ساندس كوچىسى 90 -نومۇرغا جايلاشقان ئالتە ئىمارەتنى سېتىشقا توختامنامە تۈزۈلدى. * 1 — 5 -نومۇرغىچە بولغان ئىمارەتلەرنى بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بوشىتىشىمىز كېرەك».
بەيتەل ئائىلىسىنى نۇرغۇن ئىشلار كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. سەۋەبى بۇ بەش ئىمارەتنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى خەلقئارا مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان 11 پۇتبول مەيدانىغا تەڭ كېلىدۇ! توختام بويىچە بۇ ئىمارەتنى 60 كۈن ئىچىدە بوشىتىش كېرەك ئىدى!
نەچچەن ئون يىللار مابەينىدە 1 — 5 -ئىمارەتلەردە كىتاب-ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىش ھەم تۈپلەش ماشىنىلىرى ئورۇنلاشقان ئىدى. بىراق، 2004-يىلى ئۇلار ۋولكىلدىكى (نيۇ-يورك) يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈلگەن ئىدى.
شۇ ۋاقىتتىن بۇ يان مەزكۇر بەش ئىمارەت رېمونت ئىشخانىلىرى ۋە ساقلاش ئامبارلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئۇ يەردە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئىشخانا جاھازلىرى، شۇنداقلا قوشما شتاتلار بىلەن باشقا مەملىكەتلەردىكى قۇرۇلۇش لايىھىلىرىدە قوللىنىلىدىغان ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلەر ساقلانغان.
ئىمارەتلەرنى بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا بوشىتىش ئۈچۈن، تەپسىلىي پىلانلاش كېرەك بولغان. ئالدى بىلەن نېمىنى سېتىش، نېمىنى قالدۇرۇش ۋە نېمىنى تاشلاش كېرەكلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئىمارەتلەردىكى ھەممە نەرسىلەرنى تىزىملاش كېرەك ئىدى. كېيىن، بۇ بارلىق ئىشلارنى بېخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك تۈگىتىش ئۈچۈن پىلان لاھىيىسى تۈزۈلدى.
مۇشۇ لايىھە بويىچە ئىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن بەيتەل ئائىلىسى كۆپ ئەمگەك قىلدى. شۇنداقلا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوشما شتاتلارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بەيتەلگە 41 پىدائىي خىزمەتچى كەلدى. بۇ پىدائىي خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى — بويتاق، كۈچ-قۇۋۋەتلىك ياش بۇرادەرلەر ئىدى. ئۇلار تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، بەيتەلگە 6 — 10 ھەپتىگە كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر ئائىلىلىرىدىن، دوستلىرىدىن ۋە ئىش ئورۇنلىرىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا توغرا كەلدى. ئۇلار يېڭى ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟
ۋاشىنگتون شتاتىدىن كەلگەن 21 ياشلىق جوردان: «خەپ، بەيتەلگە كېلىش ئۈچۈن ئىلتىماسنى بۇرۇنراق تولدۇرۇشۇم كېرەكتىكەن!» — دېگەن.
تېكساستىن كەلگەن 20 ياشتىكى ستىۋېن مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنى چوڭ خەلقئارالىق، ئىشچان، بەختلىك ئائىلىنىڭ ئەزاسىدەك ھېس قىلىمەن».
23 ياشتىكى جاستىن ئۆز ئوي-پىكىرى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بەيتەلدە خۇددى ئۆزۈمنى ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك ھېس قىلدىم. خۇدادىن كەلگەن دانالىق، مېھىر-مۇھەببەت ھەم قېرىنداشلىق رىشتىسى — بەيتەل ئائىلىسىنىڭ بىباھا غەزنىسى».
پورتو-رىكولۇق 20 ياشتىكى ئادلېر: «مېنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەن تۇرۇش ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، بۇ يەردە مەن زور خۇشاللىققا — مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان دوستلۇققا ئېرىشتىم»، — دەيدۇ.
21 ياشلىق ۋىليام مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە بەيتەلگە كېلىش — بالىلىق چېغىمدىن قىلىۋاتقان ئارزۇ-ئارمىنىم بولسىمۇ، ئەگەر شۇ يەرگە بارسام يالغۇزسىراپ قالىمەن، دەپ ئويلىغان. لېكىن خاتالىشىپتىمەن. بەيتەلدىكى خىزمەت — ھاياتىمدىكى ئەڭ شاد-خۇرام كۈنلەر بولدى! بۇنىڭدىن ئارتۇق ياخشى يەر يوق!».
پىدائىي خىزمەتچىلەر لايىھىنى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلاپ پۈتتۈرەلىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە! ئۇلار ۋەزىپىلەرنى 55 كۈندىلا پۈتتۈردى، خالاس!
^ 2-ئابزاس ساندس-كوچىسى 90 -نومۇرغا جايلاشقان ئىمارەت 2017-يىلى ئىچىدە بوشىتىلىدۇ.