ۋەز قىلىش ئۈچۈن دېڭىزنىڭ ئاستىدا ماڭغانلار
شىمالىي دېڭىزدا، گېرمانىيىنىڭ شىلېزۋىگ-خولشتېين شتاتىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېقىن يەردە خاللىگېن دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك-كىچىك ئاراللار جايلاشقان. بۇ ئاراللاردا 300گە يېقىن ئادەم ياشايدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇشۇ ئاراللاردا ياشايدىغانلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى خۇش خەۋەرنى قانداق يەتكۈزىدۇ؟ (مەت 24:14)
خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇشۇ كىچىك ئاراللارنىڭ بەزىلىرىگە كېمە بىلەن بارىدۇ. يەنە بەزىلىرىگە باشقا بىر ئۇسۇل بىلەن بارىدۇ، يەنى دېڭىزنىڭ ئاستى بىلەن 5 كىلومېتىر يولنى پىيادە ماڭىدۇ. «بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟»، دەپ ئويلايدىغانسىز.
دېڭىز سۈيىنىڭ تارتىلىشىدىن پەيدا بولغان يول
دېڭىز سۈيىنىڭ تارتىلىش ۋە قايتىش ۋاقتىدا شىمالىي دېڭىزدىكى خاللىگېن ئاراللىرىنىڭ سۇ يۈزى ھەر بىر ئالتە سائەتتە تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كۆتىرىلىدۇ ياكى چۈشىدۇ. دېڭىز سۈيى تارتىلغاندا، دېڭىزنىڭ ئاستى ئېچىلىدۇ. شۇ چاغدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۈچ ئارالغا دېڭىزنىڭ ئاستى بىلەن پىيادە بارىدۇ.
بۇنداق سەپەر قىلىش قانداق بولىدۇ؟ تەجرىبىلىك يول باشلىغۇچى ئۇلرىخ مۇنداق دەيدۇ: «خاللىگېن ئاراللىرىنىڭ بىرسىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىككى سائەت كېتىدۇ. ئادەتتە بىز دېڭىز ئاستى بىلەن يالاڭئاياق ماڭىمىز. بۇ ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل. كۈن سوغۇق چاغلاردا ئاياق كىيىملىرىمىزنى كىيىۋالىمىز».
سۇ قايتقاندا، ئەتراپ ئاجايىپ خىيالىي بىر تۈسكە كىرىدۇ. «ئۆزىڭىزنى باشقا سەييارىدە مېڭىپ يۈرگەندەك سېزىسىز. دېڭىز ئاستىنىڭ بەزى يەرلىرى لاي-پاتقاق بىلەن تولغان، بەزى يەرلىرى تاشلىق ياكى دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلانغان. ئاسماندا دېڭىز قۇشلىرى پەرۋاز قىلىپ يۈرىدۇ، دېڭىز قىسقۇچ پاقىلىرى ۋە باشقىمۇ جانىۋارلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ»،— دەيدۇ ئۇلرىخ. بەزىدە سەپەر قىلغۇچىلار سۇ دولقۇنى كۆتۈرۈش ۋاقتىدا پەيدا بولىدىغان، نېمىسچە پرىئېلى دەپ ئاتىلىدىغان، ئېرىقلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
دېڭىزنىڭ ئاستىدا ماڭىدىغانلارنى ھەرخىل خەۋپ-خەتەرلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلرىخ مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ: «ئاسانلا يولدىن ئېزىپ تېنەپ قېلىش مۇمكىن، بولۇپمۇ دېڭىزنى تۇمان قاپلىغاندا. شۇڭا كومپاس ۋە يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى (SPG) قوللىنىمىز. شۇنداقلا سۇنىڭ قايتىش ۋاقتىغا دۇچ كېلىپ قالماس ئۈچۈن بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا قىرغاققا يېتىۋېلىشقا تىرىشىمىز».
بۇنداق سەپەر قىلىشقا ئەرزىمىدۇ؟ ئۇلرىخ «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىنى دائىم ئوقۇپ تۇرىدىغان 90 ياشلىق بوۋاي توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. «بىر كۈنى ئەشۇ بوۋايغا بېرىپ كېلىشكە ۋاقتىمىز يەتمەي قالدى. قايتىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ئۇ بىزنى ۋېلىسىپىت بىلەن قوغلاپ يېتىپ: —ماڭا «كۈزىتىش مۇنارى»نى بەرمەي كېتەمسىلەر نېمە؟— دېدى. ئەلۋەتتە، بىز خۇشال بولۇپ ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى بەردۇق».