شىنگۇ دەرياسى بويىدىكى يېزىلاردا ۋەز قىلىش
2013-يىل ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدا، يىگىرمە سەككىز يەھۋا گۇۋاھچىسى برازىلىيىنىڭ سان-فېلىكس-دو-شىنگۇ شەھىرىدىكى كاياپو ۋە يۇرۇنا دېگەن ئىندىئان قەبىلىلىرى ياشايدىغان يېزىلارغا سەپەرگە ئاتلاندى. ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۇزۇنلىقى 15 مېتىرلىق قېيىقتا شىنگۇ دەرياسىنىڭ سۇ ئېقىمىغا قارشى كەتتى. ئامازون دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىمى بولغان بۇ دەريا 2092 كىلومتېرغا سوزۇلغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ بۇ سەپەرگە چىقىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ مەقسىتى — دەريا بويىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغانلارغا خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش. ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇلار كوكرايمورو يېزىسىغا يېتىپ كەلدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسىتىپ، خۇرسەنلىك بىلەن قارشى ئالدى. بىر ئايال قىزغىنلىق بىلەن قول ئىشارەت قىلىۋاتاتتى. شۇ چاغدا يەرلىك يول باشلىغۇچى ئۇ ئايالنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى: «بۇ قول ئىشارەت «كېلىڭلار! سىلەر بىلەن تونۇشۇشنى خالايمىز!» دېگەننى بىلدۈرىدۇ».
گۇۋاھچىلار ھەممىسى بىلەن — بەزىلىرى بىلەن پورتۇگال تىلىدا بولسا، باشقىلىرى بىلەن قول ئىشارەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سۆزلەشتى. خۇدا سۆزىگە ئاساسلانغان رەڭلىك رەسىملىرى بار ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى. كۆپلىگەن يېزا نۇرغۇن كىشىلەر ماتېرىياللارنى، بولۇپمۇ «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» كىتابچىنى ئالدى.
سان-فېلىكس-دو-شىنگۇ شەھىرىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان گېرسون «مۇقەددەس كىتاب ھېكايىلىرى» ناملىق ماتېرىيالنى ئالغان بىر ئەر كىشىنى ئېسىگە ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كىتابنى كۆرگەندىلا ئىككى قولى بىلەن ھەمكەم تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى ھەتتا بىر مىنۇتقا قويۇپ قويغۇسى كەلمىدى».
بۇ سەپەردە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەريا بويىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان شۇ مىننەتدارلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرگە 500گە يېقىن كىتاب، ژۇرنال ۋە كىتابچىلارنى تارقىتىپ بەردى. كاۋاتىرى يېزىسىدىكى كىشىلەر خۇدانىڭ يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى زېھىن قويۇپ تىڭشىدى. كاياپو ئىندىئان قەبىلىسىدىن چىققان تونجايكۋا ئىسىملىك بىر مېھماندوست كىشى: «جەننەتتە ئادەملەر بىزگە ئوخشاش ھايات كەچۈرەرمىكىن»، — دېدى.
سان-فېلىكس-دو-شىنگۇ شەھىرىدىكى خەلقنىڭ كۆپىنچىسى بۇ سەپەر توغرىسىدا بىلگەن. شۇ سەپەرگە ماڭغان سىمونې ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ياشايدىغان شەھەردىكى بەزى كىشىلەر گۇۋاھچىلارنى شۇ يېزىلارغا كىرگۈزىدىغانلىقىغا گۇمان قىلغان. لېكىن، ھېچقانداق قىيىنچىلىق بولمىدى. «ئۇ يەردە بىزنى ئىللىق قارشى ئالدى ۋە بىز ھەممىسىگە ۋەز قىلالىدۇق»، — دېدى سىمونې.