مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يۈزلىگەن ئادەملەر ئاۋازغا ئېلىشقا قاتناشقان مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇمىسى

يۈزلىگەن ئادەملەر ئاۋازغا ئېلىشقا قاتناشقان مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇمىسى

‏«كىشى قەلبىگە كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ،‏ چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ،‏ تىڭشىغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ»‏

‏«مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ».‏

‏«ئاڭلىسا،‏ يەنە ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ!‏ مۇشۇ كۈنگىچە مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەقەلەر ماڭا بۇنچىلىك تەسىرلىك تۇيۇلمىغان ئىدى».‏

ئىنجىلدىكى مەتتا كىتابىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى ئاۋازلىق ئوقۇمىسى org.‏jw.‏ تور بېكىتىدە چىققاندىن كېيىن،‏ كۆپلىگەن ئىنكاسلارنى ئالدۇق.‏

1978-‏يىلدىن باشلاپ،‏ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ دەسلەپكى ئاۋازلىق ئوقۇمىسىنى ئاۋازغا ئېلىشقا باشلىدى.‏ كېيىنرەك مۇقەددەس كىتابنىڭ تولۇق ياكى ئايرىم قىسىملىرىنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇمىسى يىگىرمە تىلدا چىقتى.‏

2013-‏يىلى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» يېڭىلانغان نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،‏ بۇ يېڭى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋازلىق نەشىرىنى تەييارلاش زۆرۈر بولدى.‏ بۇرۇن ئاۋازغا ئېلىشقا ئۈچ ئادەم قاتناشقان بولسا،‏ يېڭى ئاۋازلىق ئوقۇمىنى تەييارلاش ئۈچۈن 1000دىن كۆپرەك مۇقەددەس كىتابتىكى شەخىسكە ئاۋاز بېرىدىغان كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلدى.‏

ھەرخىل ئاۋازلار تىڭشىغۇچىلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى يېزىلغان ۋەقەلەرنى جانلىق تەسەۋۋۇر قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.‏ گەرچە مۇقەددەس كىتاب ئوقۇمىسى زور تەسىرلىك ئاۋاز ئۈنۈمى ۋە يانداش مۇزىكا ياردىمىدە ئاۋازغا ئالغان بەدىئىي ئوقۇشلۇق بولمىسىمۇ،‏ ئەمما،‏ بۇ يېڭى ئاۋازلىق ئوقۇما يۇقىرى سەۋىيىدە رىئاللىقنى قۇلاققا ناھايىتى يېقىملىق ئاڭلىتىدۇ.‏

نۇرغۇن ئوقۇپ بەرگۈچىلەر قاتناشقان بۇ ئىش ئىنچىكە پىلان تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.‏ ئاۋۋال ھەر بىر ئۈزۈندىدە كىم سۆزلەۋاتىدۇ،‏ مەنىسى قانداق،‏ قانداق ھېسسىيات ئىپادىلىنىشى كېرەك دېگەنلەر ھەققىدە ئىزدىنىش كېرەك.‏ مەسىلەن،‏ ئەگەر مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۈزۈندىسىدە قايسىدۇ بىر ئەلچىنىڭ سۆزلىرى كەلتۈرۈلسە،‏ ئەمما نەق كىم ئىكەنلىكى نامەلۇم بولسا،‏ ئۇ چاغدا كىمنىڭ ئاۋازىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟‏ ئەگەر سۆزلەر گۇمانلىق رەۋىشتە ئاڭلانسا ئۇنى توماسقا،‏ قىزغىن ئاڭلانسا ئۇ چاغدا پېترۇسقا تەئەللۇق بولىدۇ.‏

مۇقەددەس كىتابتىكى شەخسلەرنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئالغان.‏ ئەلچى يوھاننانىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئاۋازىنى ياش يېگىت ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭ ياشانغان دەۋرىدىكى ئاۋازىنى شۇ ياشتىكى بىرى ئوقۇغان.‏

ئۇنىڭدىن باشقا،‏ ساۋاتلىق ئوقۇيدىغان ئادەملەرنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.‏ نۇرغۇن ئادەملەرنى قوشما شىتاتتىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بەيتەل ئائىلىسىدىن تاپتى.‏ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاۋازلىرىنى تىڭشاپ كىمنى تاللاشنى بەلگىلەش ئۈچۈن «ئويغىنىش» ژۇرنىلىدىن بىر ئابزاسنى تەييارلاپ كېلىشىنى بۇيرىغان.‏ ئۇلار يەنە غەزەپ-‏نەپرەت،‏ قايغۇ-‏ھەسرەت،‏ خۇشاللىق ياكى ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق ھېس-‏تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى دىئالوگنىڭ بىر پارچىسىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلغان.‏ بۇ سىناقلار ئوقۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ قابىلىيەتلىرىگە باھا بېرىپ،‏ ئۇلارغا لايىق روللارنى تاللاشقا ياردەم بېرىدۇ.‏

ئوقۇيدىغان ئادەملەر ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان رولنى ئالغاندىن كېيىن برۇكلىن،‏ پاتتېرسون ياكى ۋولكىللدىكى ئاۋازغا ئېلىش سىتودىيسىنىڭ ۋاقىت تىزىملىكىگە يېزىلىدۇ.‏ رېژىسسور ئاۋاز يېزىش ۋاقتىدا ئوقۇپ بەرگۈچىنىڭ ئاھاڭىنى توغرا ئىپادىلىگەنلىنى كۈزىتىدۇ.‏ ئوقۇپ بەرگۈچى بىلەن رېژىسسور ھەر بىر جۈملىدە سۈكۈت ۋە ئۇرغۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان تېكىستنى ئىشلىتىدۇ.‏ رېژىسسور مىسال سۈپىتىدە «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنىڭ» دەسلەپكى نەشىرىنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇمىسىدىن پايدىلىنىدۇ.‏

ئاۋازغا ئېلىش ۋاقتىدىلا بەزى تەھرىرلەش ئىشلىرى ھەم ئېلىپ بېرىلىدۇ.‏ بەزىدە ئەڭ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەھرىرلىگۈچىلەر بىر قانچە قېتىملىق ئاۋازغا ئېلىشتىن كېيىن،‏ سۆزلەر ياكى جۈملىلەرنى ئۆز ئارا قوشۇپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.‏

2013-‏يىلى ئېلان قىلىنغان «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» يېڭىلانغان نەشىرىنى ئاۋازغا ئېلىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.‏ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئايرىم كىتابلىرى ئوقۇمىسى ئاۋازغا ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇلارنى org.‏jw.‏ تور بېكىتىگە چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىدا كىتابنىڭ نامى كۆرىنىپ تۇرىدۇ «‏مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كىتابلىرى‏» بېتىدە مەخسۇس بەلگۈ چىقىدۇ.‏