مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

رەسىملەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەلىم بېرىدىغان كۆپ تىللىق كىتابچە

رەسىملەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەلىم بېرىدىغان كۆپ تىللىق كىتابچە

ئودۋال ئىسىملىك بىر ئايال موڭغۇلىيىدە ياشايدۇ.‏ ئۇ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدۇ،‏ ئەمما ئۇ 1921-‏يىلى تۇغۇلدۇم دەپ ئويلايدۇ.‏ كىچىك ۋاقتىدا ئۇ ئاتا-‏ئانىسىغا ياردەملىشىپ مال باققانلىقتىن،‏ مەكتەپتە پەقەت بىر يىل ئوقۇغان.‏ ئۇ ئوقۇشنى بىلمەيدۇ.‏ لېكىن،‏ يېقىندا نەشىر قىلىنغان رەڭلىك رەسىملىرى بار كىتابچە بۇ ئايالغا خۇدا ھەققىدە ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بولغانلارنى قانداق كېلەچەك كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە بىلىشكە ياردەم بەردى.‏ بۇ بىلىم ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلدى.‏

يەھۋا گۇۋاھچىلىرى 2011-‏يىلى نەشىر قىلغان بۇ كىتابچىنىڭ ئىككى نۇسخىسى بار.‏ ھەر ئىككىسىدە چىرايلىق رەسىملەر بار،‏ لېكىن بىرىدە يېزىق بەكمۇ ئاز.‏

‏«خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ مەڭگۈ ياشاڭ!‏» ناملىق يېزىقى كۆپرەك نۇسخا پات ئارىدا 583 تىلدا،‏ «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» دېگەن ئىككىنچى نۇسخا بولسا 483 تىلدا نەشىر قىلىنىدۇ.‏ بۇنى 2013-‏يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا 413 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنسان ھوقۇقلىرى خىتابنامىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.‏ بۇنىڭدىن تاشقىرى،‏ مەزكۇر كىتابچىنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشى تەخمىنەن 80 مىليونغا يەتتى.‏

برازىلىيىلىك ياشانغان ئايال «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» كىتابچىسىنى قولىغا ئالغاندا خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېگەن:‏ «ماڭا ئوخشاش ئىنسانلارغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىش مېنى خۇرسەن قىلىدۇ.‏ ساۋاتسىز بولغانلىقىمدىن،‏ بۇرۇن سىلەرنىڭ ژۇرناللىرىڭلارنى ئالمايتتىم.‏ لېكىن بۇ كىتابچىنى ئالغۇم كېلىدۇ».‏

فرانسىيىدە ياشاۋاتقان ساۋاتى يوق برىگيتتى ئىسىملىك ئايال بولسا:‏ «كىتابچىدىكى رەسىملەرگە ھەر كۈنى قارايمەن»،‏ —‏ دەيدۇ.‏

جەنۇبىي ئافرىقىدىن بولغان يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى مۇنداق دەپ يازغان:‏ «خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيدىغانلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ كىتابچىدىن ياخشىسىنى تاپالمىدىم.‏ مەن ھەر تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن —‏ ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەنلەر،‏ دانىشمەن كىشىلەر ھەم ساۋاتى يوق ئاران-‏ئاران ئوقۇيدىغانلار بىلەنمۇ —‏ ھېچ قىينالماي سۆھبەتلىشەتتىم.‏ «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ مەڭگۈ ياشاڭ!‏» ناملىق كىتابچىنىڭ ياردىمى بىلەن قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى چۈشەندۈرەلەيتتىم.‏ بۇنىڭغا يېرىم سائەت ۋاقتىم كېتەتتى،‏ خالاس».‏

يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان گېرمانىيىلىك ئىككى ئايال،‏ ئوقۇمۇشلۇق بىر جۈپ ئەر-‏ئايال بىلەن تەتقىق ئۆتكۈزەتتى.‏ ئەر كىشىگە بۇ كىتابچە ئىنتايىن يېقىپ،‏ ئۇ مۇنداق دېگەن:‏ «ماڭا بۇ كىتابچىنى نېمىشقا بۇرۇنراق بەرمىدىڭلار؟‏ ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلارنى تېز چۈشىنىمەن».‏

قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان ئاۋسترالىيىلىك بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ:‏ «مەن كۆپ يىللار موناستىردا راھىبە بولۇپ خىزمەت قىلدىم.‏ ھېچكىم چىركاۋو رەھبەرلىرى بىلەن مېنىڭدەك يېقىن ئالاقىدە بولمىغان.‏ لېكىن،‏ ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ماڭا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.‏ بۇ كىتابچىدىكى رەسىملەرگە قاراپ،‏ مەتتا 6:‏10‏-‏دىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندىم».‏

يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كانادادىكى بەيتەلدىن كەلگەن خەتتە مۇنداق يېزىلغان:‏ «كانادادىكى سېررا-‏لېئونلۇقلار ياشايدىغان رايوندىكى كۆپلىگەن كىشىلەر،‏ كرىئو تىلىدا نەشىر قىلىنغان «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» كىتابچىسىنى كۆرگەندە،‏ تىرىشچانلىق بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتقان يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ماختىغان.‏ بەزىلىرى:‏ «كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس،‏ بىراق سىلەر ئادەملەرگە غەمخورلۇق كۆرسىتىسىلەر»،‏ دەيدۇ».‏